يالغان ئۇچۇر Disinformation
بۇ مەنبە يالغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ، يەنى ئالدامچىلىق قىلىش ۋە زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن يارىتىلغان ياكى ئورتاقلىشىلغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.
خاتائۇچۇر بولسا ئالداش ياكى زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتى بولمىغان ھالدا ئورتاقلىشىلغان ساختا ياكى توغرا بولمىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.
يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى (NZSIS) يالغان ئۇچۇرنى زىيان يەتكۈزۈش ياكى تېخىمۇ كەڭ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تارقالغان يالغان ياكى ئازدۇرىدىغان ئۇچۇر دەپ ئېنىقلىما بېرىدۇ. ئۇ كۆپىنچە توردا ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىدۇ، ئەمما تېلېۋىزىيە، رادىئو ياكى گېزىتلەر قاتارلىق ئاخپارات ۋاستىلىرىدىمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن.
چەت ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى چەت ئەللەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە يالغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرگە ۋە جەمئىيەتلەرگە زىيانلىق ئۇسۇللار بىلەن تەسىر كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنى ئازدۇرۇشى مۇمكىن.
يالغان ئۇچۇرلار قانداق تارقىلىدۇ
يالغان ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىدەك ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تارقىلىشى مۇمكىن:
- ئۇچۇر يوللاش ئەپلىرى ۋە مەھەللە ئالاقە تورلىرى، بۇ يەردە ئۇچۇرلار كۆپىنچە كىشىلەر ئىشىنىدىغان ئالاقىلار ئارىسىدا يوللىنىدۇ.
- مەھەللە ياكى ئورتاق قىزىقىش گۇرۇپىلىرى ئىچىدە ئورتاقلاشقان مەزمۇنلار، بۇ مەزمۇنلار كىشىلەر تونۇيدىغان مەنبەلەردىن كەلگەن ياكى ئۆزلىرى چۈشىنەلەيدىغان تىلدا بولغاچقا، كىشىلەر تېخىمۇ ئىشىنىشى مۇمكىن.
- يېڭى زېلاندىيە تاراتقۇلىرى ياكى مەنبەلەرگە ماس كەلمەيدىغان يېڭى زېلاندىيە سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرى.
- ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى يالغان ئۇچۇرلارنى تېز تارقىتالايدۇ، بولۇپمۇ TikTok سىنلىرى، Instagram رېلىسلىرى ياكى Twitter / X تېمىلىرى قاتارلىق قىسقا شەكىللىك مەزمۇنلار.
- تەسىر قىلغۇچىلار ۋە مىكرو تەسىر قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ ياكى ئىشەنچلىك ئەگەشكۈچىلىرى بولغاچقا، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتالايدۇ.
- ئىشلەتكۈچىلەر ئىزدىمىگەن تەقدىردىمۇ، سۇپىلاردىكى ئىزدەش ماتورى ۋە تەۋسىيەلەر يالغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
- تورسىز ئورتاقلىشىش، مەسىلەن، بېسىلغان ئېلانلار، پوستېرلار، ئىش ئورۇنلىرىدا، مەكتەپلەردە ياكى مەھەللىلەردە ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىش.
يالغان ئۇچۇرلارنىڭ تۈرلېرى
كۆرگەن مەزمۇنلارھەققىدە ئويلىنىڭ
تەكشۈرۈڭ:
- ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچلىك مەنبەدىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى ۋە باشقا ئىشەنچلىك خەۋەر ئورگانلىرىنىڭمۇ ئوخشاش ئۇچۇرنى خەۋەر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن Netsafe نىڭ ساختا خەۋەرلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدىكى مەنبەسىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
- ئەسلى ھېكايە ياكى ئۇچۇرنىڭ قەيەردە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە كىمىلەر تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى.
- ئاپتورنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى، مەقسىتى ياكى قىزىقىشى نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى (مەسىلەن، ئۇلارنىڭ خەۋەر بېرىش، قايىل قىلىش، مەلۇم بىر قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى كىشىلەرنىڭ پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان-قىلمىغانلىقىنى).
ئويلىنىپ بېقىڭ:
- مەزمۇن كۈچلۈك ھېسسىيات ئىنكاسىنى قوزغىغاندا توختاش (مەسىلەن، جىددىيلىك، قورقۇش ياكى غەزەپلىنىش).
- بۇ مەزمۇننىڭ (مەسىلەن، پىكىرلەرگە تەسىر كۆرسىتىش، كۆرۈلۈش سانى ھاسىل قىلىش ياكى ھەرىكەتلەرنى قوللاش) نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغان ياكى تارقىتىلغانلىقىنى سوراش
- ئەگەر بۇ ئۇچۇرغا كىشىلەر ئىشەنسە ياكى ئۇنى تارقاتسا، كىمنىڭ مەنپەئەت كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاش.
مەسىلەن، ئەگەر سىز «بۇنى ئۆچۈرۈۋېتىشتىن بۇرۇن ھازىرلا تارقىتىڭ» دېگەن يازمىنى كۆرسىڭىز، بۇ سىزنى توختاپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تارقىتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.
ئىشەنچىڭىز بولمىغاندا نېمە قىلىش كېرەك
شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بىر ئۇچۇرنىڭ يالغان ئۇچۇر ياكى ئەمەسلىكىنى دەرھال بىلەلمەسلىك نورمال ئەھۋالدۇر.
ئۇچۇرنى تارقىتىشتىن بۇرۇن ۋاقىت چىقىرىپ ئويلىنىش، ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە خاتا ئۇچۇرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
سىز يەنە ئىشەنچلىك كىشىلەر، مەسىلەن ئائىلە ئەزالىرى ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچۇر ھەققىدىكى قارىشىنى ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.
چەت ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئىشلىتىدىغان يالغان ئۇچۇر
تۆۋەندىكىلەر چەت ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىن قەستەن ئىشلىتىلىدىغان يالغان ئۇچۇرلارنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىدۇر:
- كۈچلۈك ھېسسىيات قوزغاش ئۈچۈن مۇھىم پاكىت ياكى دەلىللەرنى قەستەن قالدۇرۇپ، غەزەپ، قورقۇنچ ياكى نارازىلىق پەيدا قىلىش.
- ئۇچۇرنى خاتا ياكى ئاشۇرۇپ كۆرسىتىدىغان شەكىلدە سۇنۇپ، كىشىلەرنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى ياكى كەڭ تارقىلىشىنى مەقسەت قىلىش.
- ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلىشتىن كۆرە، ئۇلارنىڭ ھېسسىيات ئىنكاسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھېسسىياتقا تولغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش.
- مەلۇم مەسىلە ياكى گۇرۇپپا ھەققىدىكى قاراشقا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېنىق بىر تەرەپلىمە قاراش ياكى قېلىپلاشقان تەسەۋۋۇرلارغا تايىنىش.
- پەقەت بىر تەرەپنىلا كۆرسىتىش ئۈچۈن باشقا كۆز قاراش ياكى پىكىرلەرنى چەتكە قېقىش.
- خاتا، ئۆزگەرتىلگەن ياكى ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇرلارنى توغرا دەپ كۆرسىتىش.
- كۆپ ئىملا ياكى گرامماتىكا خاتالىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش؛ بۇ بەزىدە ئىشەنچسىز ياكى ناھايىتى تېز تەييارلانغان مەزمۇننىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن.
- خاتا ئۇچۇرنى قوللاش ئۈچۈن سۈپىتى تۆۋەن، تەھرىرلەنگەن ياكى مەزمۇندىن چەتنەپ كەتكەن سۈرەت ياكى ۋىدىيولارنى ئىشلىتىش.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىڭ
ئەگەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى ساختا ياكى خاتا ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەن بولسا:
- شۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇنلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېساباتنى توسۇڭ ياكى ئەگىشىشتىن توختىتىڭ.
- ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىغا شۇھېساباتنى دوكلات قىلىڭ، بۇزىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ توردا تارقىلىشىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
يالغان ئۇچۇرلارنى قانداق دوكلات قىلىش
سىز زىيانلىق ياكى يالغان تور مەزمۇنلىرىنى دوكلات قىلالايسىز:
- خاتا ئۇچۇر ۋە باشقا زىيانلىق مەزمۇنلارنى Netsafe تور بېكىتىدە دوكلات قىلىڭ.
- ئەگەرتاراتقۇ مەزمۇنى خاتا بولسا ياكى رادىئو قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا، يېڭى زېلاندىيە تاراتقۇ كېڭىشى ياكى ئېلان ئۆلچىمى ئىدارىسىگە ئەرزسۇنۇڭ.
- ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خاتا ئۇچۇرلارنى سۇپىنىڭ دوكلات قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق دوكلات قىلىڭ.
Netsafe دىن كۆپرەك ئۆگىنىڭ
Netsafe يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇستەقىل، پايدا ئالمايدىغان توربىخەتەرلىك تەشكىلاتى بولۇپ، يېڭى زېلاندىيەدىكى بالىلار ۋە ياشلار، ئاتا-ئانىلار ۋە قارىغۇچىلار، چوڭلار ۋە ياشانغانلارئۈچۈن توربىخەتەرلىكى ياردىمى، كەسپىي ماھارىتى ۋە مائارىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىشلەتكۈچىلەربىلەن ئۆزئارا ئالاقە قىلىدىغان، ئويۇن شەكلىدە لايىھەلەنگەن ئوقۇتۇش سۇپىسى
ئۇبولسا12 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ توردىكى مەزمۇنلارنى ئىشلەتكەندە ئىشەنچ ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ئۆزئارا ئالاقە قىلىدىغان سۇپا بولۇپ، ياشلارنىڭ توردا كونترول قىلىش، بېسىم ۋە زىياننى تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.