چەتئەل ئارىلىشىشىنىڭ جامائەت تەشكىلاتلارغا تەسىر كۆرسىتىش مىساللىرى Examples of foreign interference impacting community organisations
چەتئەل ئارىلىشىشىنىڭ جامائەت تەشكىلاتلارغا تەسىر كۆرسىتىش مىساللىرى
جامائەت تەشكىلاتلىرى جامائەتنى قوللاش ۋە شەكىللەندۈرۈشتە، قارار چىقىرىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىشتە ۋە كۆپ خىل گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئارا باغلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
جامائەت تەشكىلاتلارىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئالاقە تورى ۋە ئىشەنچلىك مۇناسىۋەتلىرى ئۇلارنى جامائەت رەھبەرلىكى ۋە سەپەرۋەرلىكىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ.
چەتئەلنىڭ مەخپىيى، مەجبۇرلاش، ئالدامچىلىق ياكى پارىخورلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق جامائەت تەشكىلاتلىرىغا ئارىلىشىشى بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇستەقىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، مەھەللە ئىشەنچى ۋە ئىجتىمائىي بىرلىكىنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن.
بۇنداق ئارلىشىش يەنە تەشكىلات ۋە كەڭ جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىشەنچى ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
تۆۋەندە چەتئەل ئارىلىشىشىنىڭ جامائەت تەشكىلاتلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئائىت ئۈچ مىسال كۆرسىتىلدى. بۇ مىساللاردىكى <<چەتئەل>> يېڭى زېلاندىيەدىن باشقا ھەر قانداق دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ مىساللار كۆپ مەدەنىيەتلىك يېڭى زېلاندىيە - يېڭى زېلاندىيە كۆپ مەدەنىيەتلىك كېڭەشلەر بىرلەشمىسى ئېتنىك جامائەتلەر مىنىستىرلىكى بىلەن تەمىنلەنگەن تەجىربە ۋە قاراشلارغا ئاساسلانغان. بۇ ماتىرياللار ۋە ’جامائەت تەشكىلاتىنى چەتئەل ئارىلىشىشىدىن قوغداش ‘ماتىرياللېرىغا قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
تۆۋەندىكى مىساللار 1961-يىلدىكى جىنايەت قانۇنى بويىچە چەتئەل ئارىلىشىشى دەپ قارىلىشى مۇمكىن بولغان پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدىغان پەرەزيى سىنارىيەلەر.
بۇئومۇمىي ئۇچۇر. بۇ پەقەت سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزئۈچۈن، قانۇنىي مەسلىھەت ئەمەس. كونكرېت قانۇنىي مەسلىھەت ئۈچۈن، لاياقەتلىك قانۇنى مۇتەخىسس بىلەن سۆزلىشىڭ.