ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش بېسىمى Pressure to return to country of origin
مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىش
چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى يولغا قويغان چەتئەل دۆلەتلىرى كىشىلەرنى مەجبۇرلىشى ياكى شەخسلەرنى ئارزوسىغا قارشى ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا بىسىم قىلىشى مۇمكىن. بۇ مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىش دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەل دۆلىتى:
- كىشىلەرگە ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-ئەزالىرى ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغاساياھەت چەكلىمىسى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پالىيەتلېرىنى چەكلەش ھەمدە ئۆز يۇرتىغا قايتىشقا بېسىم پەيدا قىلىش
- يۇرتىدىكى پۇل-مۇئامىلە مۈلكىنى توڭلىتىش
- كىشىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئائىلە-ئەزالىرى، دوستلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى پار اكەندە قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش ياكى ئۇلارغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق، بۇ كىشىنى قايتىپ كېتىشكە ئۈندەش.
شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، گەرچە ئۇلارچەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ نىشانى بو لسىمۇ، مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتۇرىۋىتىش كۆپىنچە كىشىلەرئۇچرايدىغان ئىش ئەمەس.
ئېكىسترادىتسىيە قىلىش (ئۆتكۈزۈپ بېرىش)
ئېكىسترادىتسىيە (ئۆتكۈزۈپ بېرىش) دېگەن نېمە
ئېكىسترادىتسىيە قىلىش(ئۆتكۈزۈپ بېرىش) دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي قانۇنىي تەرتىپ بۇلۇپ، بىر كىشىنى جىنايى ئەيىبلەشكە ياكى جازا مۇددىتىنى ئۆتەشكە قايتۇرۇش ئۈچۈندۇر. يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەرتىپى 1999-يىلىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن.
قانۇنلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ بىر خىل شەكلى ئەمەس.
قاچان ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپقىلسا بولىدۇ
ئەگەر بىر كىشى ئۆز دۆلىتىدە جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنگەن بولسا، ياكى جازا مۇددىتى توشمىغان بولسا، شۇ دۆلەت شۇ كىشى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان دۆلەت خەلقئارا شەرتنامىگە ياكى چەتئەلنىڭ ئىچكى قانۇنىغا تايانسا بولىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنىدا، چەتئەلنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتنامىسى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.
ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىلتىماسى چېتىشلىق كىشىنى قولغا ئېلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ئىلتىماسى بولۇپ، ئەسلى دۆلەتتە سوت ئېچىش ياكى داۋاملىق جازا مۇددىتى ئۆتەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
يېڭى زېلاندىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدۇ
يېڭى زېلاندىيەدە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىلتىماسىغا ھۆكۈمەت ۋە سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىدۇ.
يېڭى زېلاندىيە قانۇنىدا ئەگەر ئۇلارسىياسىي زىيانكەشلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، دائىرىلەرئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلالايىدۇ.
بۇنىڭغا شۇ كىشىنىڭ ئىرقى، ئېتنىك كېلىپ چىقىشى، دىنى، مىللىتى، جىنسى ياكى باشقا سالاھىيتى ياكى سىياسىي كۆزقارىشى سەۋەبىدىن ياكى سىياسىي خاراكتېرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن (باشقىلارنىڭ سىياسى كۆز قارىشى ياكى پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) ئۇلارنى جازالاش مەقسىتىدە ئەيىبلىنىۋاتقان ئەھۋاللار كىرىدۇ.
يېڭى زېللاندىيە يەنە ئەگەر بۇ كىشىنى ئەيىبلەش سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان ۋە ئادالەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، چەتئەلنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ كىشىنى قايتۇرۇۋېتىش ئادالەتسىز ياكى زۇلۇم قىلىش بولسا، بۇ دېلونى رەت قىلسا بولىدۇ.
يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانداق باشقۇرۇلىدۇ
ئەگەرباشقا دۆلەتلەرنىڭ كۈچكە ئىگە قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ياكى جىنايى ئىشلارئەيىبلىشى بولسا، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان رەسمىي جەريانلارئارقىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى باشقۇرىدۇ. چەتئەل دائىرىلىرى يېڭى زېلاندىيەدىكى كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ بىرقىسمى سۈپىتىدە قولغا ئالالمايدۇ، تۇتۇپ تۇرالمايدۇ ۋە ئۇلارغا يېقىنلىشالمايدۇ.
ياردەمنى قەيەردىن ئېلىش
قانۇنىي ۋەكىللىك ۋە مەسلىھەت
ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەرتىپىنى بىرتەرەپ قىلىدۇ، لېكىن شەخسلەرگە قانۇنىي مەسلىھەت بېرەلمەيدۇ.
دېمەك، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىلتىماسىغا دۇچ كەلگەن ھەرقانداق كىشى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە مەخسۇس ئادۋوكات بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك.
يېڭى زېلاندىيەدىكى قانۇنىي ياردەم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.