ئەسكەرتىش: بۇ ئومۇمىي ئۇچۇر. بۇ پەقەت سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن قانۇنىي مەسلىھەت ئەمەس.
كونكرېت قانۇنىي مەسلىھەت ئۈچۈن، لاياقەتلىك قانۇن خادىمى ياكى ئادۇكات بىلەن سۆزلىشىڭ.

ئەگەر بىرەيلەن چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچراۋاتقان بولسا، قانۇنىي ياردەم ۋە مەسلىھەت ئېلىش ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە بار بولغان تاللاشلىرىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ.

يېڭى زېلاندىيەدىكى  ھوقۇقىڭىز

يېڭى زېلاندىيەدىكى ھوقۇقىڭىزنى بۇيەردىن ئۆگىنىۋېلىڭ

قانۇن ياردىمىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ

جەمئىيەت قانۇن مەركەزلىرى تۆۋەندىكى ئىشلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ:

  • قانۇنىي ئۇچۇر ۋە مائارىپ
  • قانۇنىي مەسلىھەت، ياردەم ۋە ۋەكىللىك - بولۇپمۇ قانۇنىي مۇلازىمەت ھەققىنى تۆلىيەلمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن.

يېڭى زېلاندىيەدە 24 جەمئىيەت قانۇن مەركىزى بار. كۆپىنچە مەركەزلەر كىچىك مەھەللىلەردە تەشۋىقات مۇلازىمىتى ياكى كەسپىي مۇلازىمەت ۋە مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۆرۈشۈش ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن بىۋاسىتە يەرلىك مەركەزلەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن جەمئىيەت قانۇنى توربېتىگە كىرىڭ

ياشلار قانۇنى 25 ياشتىن تۆۋەن بارلىق بالىلار ۋە ياشلارغا ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تېخىمۇكۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياشلارقانۇنى توربېتىگە كىرىڭ

پۇقرالار مەسلىھەت بېرىش ئىدارىسى تۆۋەندىكى ئىشلاردا ياردەم بېرەلەيدۇ:

  • ھوقۇق ھەققىدىكى ئۇچۇرلار
  • ھەقسىز، مەخپىي، مۇستەقىل ئۇچۇر ۋە مەسلىھەت
  • قانۇنىي مەسلىھەت ئېلىش ئۈچۈن يەرلىك مەھەللە قانۇن مەركىزىگە يوللانما بېرىش
  • ئېھتىياجلىق بولغان مۇلازىمەتلەرگە قانداق ئېرىشىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

ئۇچۇرلار ئۈچۈن پۇقرالار مەسلىھەت بېرىش ئىدارىسىنىڭ توربېتىگە كىرىڭ، ياكى مەخپىي ياردەم ئۈچۈن 0800367222 نومۇرىغا ھەقسىز تېلېفون قىلىڭ.

قانۇنىي ياردەم دېگىنىمىز، ئادۋوكاتنىڭ ھەققىنى تۆلىيەلمەيدىغان كىشىلەرگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مەبلەغ. بۇ قانۇنىي ياردەم  خىراجەتلىرىنى تۆلەشكە ۋە سوتقا بېرىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان قانۇنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن  كىشىلەرنىڭ ئادۋوكاتقا پۇل تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن ئادالەتتىن مەھرۇم قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

قانۇنىي ياردەم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

(NZLS) يېڭى زېلاندىيەدىكى ئادۋوكاتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى يېڭى زېلاندىيە قانۇن جەمئىيىتى. كىشىلەر ئۇلارنىڭ تورمۇندەرىجىسى ئارقىلىق ئادۋوكات ئىزدىسە بولىدۇ. بۇ تىزىملىكتە يېڭى زېلاندىيەدە ئادۋوكاتلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئادۋوكاتلار كۆرسىتىلگەن.

يېڭى زېلاندىيە قانۇن جەمئىيىتى توربېتىگە كىرىڭ

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ