توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىش دېگەن نېمە؟

توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىشبولسا باشقىلار تور ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى پاراكەندە قىلىش، قورقۇتۇش، بوزەك قىلىش ياكى تەھدىت سېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇچۇر، يازما ياكى توردىكى باشقا ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بىئارام بۇلىشىنى، قورقىشىنى ياكى بىخەتەرلىك ھېس قىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىش چەتئەل دۆلىتى ئۈچۈن ياكى ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىلسا، بۇ چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ بىرخىل شەكلى ھىساپلىندۇ. توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىش ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ. قانداق قىلغاندا بىخەتەر تۇرۇشنى، قانداق ياردەمنىڭ بارلىقىنى، ئەگەر سىز ياكى مەھەللىڭىز توردا ھاقارەتلەش ۋە  پاراكەندىچىلىككە ئۇچىرغاندا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.

توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىشقا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىش كېرەك

تېلېفون ۋە قىسقا ئۇچۇر

يانفوندىكى تەڭشەكلەرنى ئىشلىتىپ «ئالاقىداشنى چەكلەش». ئەگەر بۇ ئۈنۈم بەرمىسە، تېلېفون شىركىتىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، نومۇرنى توسۇپ قويۇڭ.

توردا ھاقارەتلەش ياكى پاراكەندىچىلىك قىلىش

مەخپىيەتلىكنى يېڭىلاش Netsafe سىزگە مەخپىيەتلىكنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەگەر بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغان ياكى پاراكەندىچىلىك، تەھدىت ياكى بوزەك قىلىنغاندەك ھېس قىلغان بولسىڭىز دوكلات قىلىڭ.

ۋەقە يۈز بەرگەن تور بەتتە، ئەپتە ياكى مۇنبەردە مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ. Netsafe ئىجتىمائىي تاراتقۇ قوللانمىسىدا بۇ ئىشنى قانداق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بار.

زىيانلىق مەزمۇنلارنى Netsafe غا مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ: ئىلتىماس يوللاش – Netsafe.
Netsafe يەنە سىزگە تور بىخەتەرلىكى بىخەتەرلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلىك قوللاش، مەسلىھەت ۋە ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياردەمگەئېرىشىش ئۈچۈن help@netsafe.org.nz ئېلخەت يوللاڭ ياكى «Netsafe» غا ئۇچۇر يوللاپ ئەۋەتىڭ.

ئەگەر خەتەرگە يولۇقسىڭىز دەرھال 111 غا تېلېفون قىلىڭ.

ئەگەر جىددىي ئەھۋال بولمىسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقچى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:

  • 105 تور جەدۋىلىنى ئىشلىتىش
  • ھەر قانداق يانفون ياكى مۇقىم تېلېفوندىن 105‏ كە تېلېفون قىلساق، بۇ مۇلازىمەت ھەقسىز بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 24/7 مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

105 جەدۋەل ساقچىلارنىڭ دوكلاتىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە سىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن بەزى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ساقچىلار پەقەت بۇ ئۇچۇرلارنى ئىجازەت بېرىلگەن ئەھۋاللاردا ئىشلىتىدۇ.

ئەگەر سىز چەتئەل دۆلىتىنىڭ بۇ توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىشنىڭ ئارقىسىدا بارلىقىدىن گۇمان قىلسىڭىز، ئۇلارنى بىخەتەر تور جەدۋىلىنى ئىشلىتىپ NZSIS غا دوكلات قىلسىڭىز بولىدۇ.قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز خالىمىسىڭىز ئىسمىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز ياكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز يەنە جەدۋەلنى ئۆز تىلىڭىزدا تولدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز تەمىنلىگەن بارلىق ئۇچۇرلار مەخپىي ۋە قوغدالغان ھالەتتە ساقلىندۇ.

ئەگەر سىز NZSIS دىكى بىرەيلەن بىلەن پاراڭلاشماقچى بولسىڭىز، ئۇلارغا +64 4 472 6170‏ ياكى 0800 747 224‏ غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.

دوكلات قىلغاندا، ئىمكانقەدەر نۇرغۇن تەپسىلاتلارنى تەمىنلەش پايدىلىق بۇلىدۇ. ئېكراندا رەسىم تارتىىڭ ياكى بىر نۇسخىسىنى ساقلىۋېلىڭ:

  • قانداق شەخسىي ياكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئورتاقلىشىندى ياكى يوللاندى
  • سىزنى توردا ھاقارەتلىگەن ۋە پاراكەندىچىلىك قىلغان ئىشلەتكۈچىنىڭ ئارخىپى ياكى ھېساباتى (مەسىلەن ئۇلارنىڭ ئىسمى)
  • توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىنغان كۈن ۋە ۋاقىت
  • يۈز بەرگەن تور بېتى ياكى ئەپنىڭ ئىسمى

توردا بىخەتەرلىكنى ساقلاش

توردا بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن توردا بىخەتەر بولۇش تورىغا قاراڭ.

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ