توردا بىخەتەر بۇلۇش Keeping safe online
نېمە ئۈچۈن تور بىخەتەرلىكى مەن ئۈچۈن مۇھىم؟
ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۇپىلار بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىمىزگە، دوستلىرىمىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، جىنايەتچىلەر ۋە باشقا قانۇنسىز تەشكىلاتلارمۇ ئۇلارنى ئىشلىتىپ پۇلىڭىزنى، ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئالماقچى ياكى سىزنى قورقۇتماقچى بولىدۇ.
ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىن مەشغۇلات قىلالايدۇ، كۆپ قىسىم تىللارنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ ۋە قايىل قىلارلىق ساختا تور بېكەتلەرنى قۇرالايدۇ. ئۇلار ئېلېكترونلۇق خەت، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، ئۇلار سىزنى قورقۇتۇش ياكى تەشۋىشلىنىشكە تىرىشىدۇ، شۇڭا ئېنىق ئويلىمايسىز.
بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ تەييارلىق قىلىشىڭىزۋە ئۇلارنىڭ قوللانغان ھىيلە-مىكىرلىرىنى ھەر ۋاقىت بىلىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
توردا ئۇچرايدىغان بەزى ئورتاق مەسىلىلەر قايسىلار؟
بۇلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار:
- ئۇلىنىشنى چېكىشنى تەلەپ قىلىدىغان گۇمانلىق ئېلېكترونلۇق خەت ياكى قىسقا ئۇچۇرغا ئېرىشىسىز.
- بۇ ئۇلىنىشلار دائىم كىرىش ياكى مالىيە ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئوغرىلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ساختا تور بەتلېرىگە تۇتۇشىدۇ.
- شەخسىي ئۇچۇرلارنى سورايدىغان گۇمانلىق تېلېفونغا ئېرىشىسىز.
- يۇقىرىدىكىدەك تېلېفون ئۇرغۇچى بانكىڭىزدىن كەلگەندەك قىلىپ ئۇچۇر سورايدۇ.
- ھوقۇقداردەك ياسىنىۋالغان بىرى سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىزنى بىرەر ئىش قىلىشقا ئۇرۇندۇ.
- ھەمىشە ئۇ كىشى مەلۇم خىل تەھدىدلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
- بەزىلەرسىزنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە تور ھېساباتىڭىزغا كىرىدۇ (مەسىلەن: ئېلېكترونلۇق خەت ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى).
- ئەگەر باشقىلار تور ھېساباتىڭىزغا كىرسە، ئۇلار سىزنىڭ ئۇچۇرلېرىڭىزنى ئوغرىلايدۇ، پۇل تۆلەيدۇ ۋە سىزدەك بولىۋىلىپ دوستلىرىڭىز ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرنى نىشانلايدۇ.
- ئىناۋەتلىك كارتىڭىزنىڭ تەپسىلاتلىرى ئوغرلىندۇ، ياكى ساختا سېتىش ياكى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىندۇ
- ئالدامچىلار سىزنىڭ ياخشى سودىنى كۆرۈشىڭىزنى ۋە ئويلىمايلا پۇل تۆلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياكى ھەقىقىي تور بېكەت سانلىق مەلۇماتقا خىلاپلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ، تەپسىلاتلىرىڭىز توردا ئاشكارلىنىشى مۇمكىن.
بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ سىنارىيەلەر بار:
قانداق قىلغاندا توردا بىخەتەر تۇرالايمەن؟
ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداڭ.
بۇ يەردە ياردەم سورايدىغان نۇرغۇن جايلار بار. بۇ تەشكىلاتلارسىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ، تەپسىلاتلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمايدۇ.
- سىز تور ۋەقەسىنى CERT NZ تور بېتى ئارقىلىق NCSC غا دوكلات قىلالايسىز، بىز سىزگە ياردەم بېرەلەيمىز ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگان بىلەن ئالاقىلاشتۇرالايمىز:
ۋەقەنى دوكلات قىلىش | CERT NZ - ئەگەر پۇلىڭىز يۈتۈپ كەتكەن بولسا، دەرھال بانكا بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
- ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى باشقۇرىدىغان مۇلازىمەت 7726 غا ھەقسىز يوللىغىلى بولىدۇ.