چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان زىيانلىق ياكى قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى پاش قىلىش

ئەسكەرتىش: بۇ ئومۇمىي ئۇچۇر. بۇ پەقەت سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزئۈچۈن، قانۇنىي مەسلىھەت ئەمەس.
كونكرېت قانۇنىي مەسلىھەت ئۈچۈن، لاياقەتلىك ئادۇكات ياكى قانۇن خادىمى بىلەن سۆزلىشىڭ.

چەتئەلنىڭ ئامىللىرى چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېلىپ بارغان بەزى زىيانلىق پائالىيەتلىرى يېڭى زېلاندىيە قانۇنى بويىچە ئاللىبۇرۇن جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر بۇ پائالىيەتلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسا ياكى ئۇلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنچىلىك ئاساس بولسا، بۇنى يېڭى زېلاندىيە ساقچىسغا NZ) ساقچىسى (ياكى نامسىز ھالدا يېڭى زېلاندىيە جىنايەتنى توختىتىش تەشكىلاتىغا (جىنايەتنى توختىتىش تەشكىلاتى) مەلۇم قىلىش كېرەك.

بۇ پائالىيەتنىڭ چەت دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ياكى چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆزىلا جىنايەت بولۇشى مۇمكىن.

پائالىيەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ياكى چەتئەل دۆلىتىنىڭ چېتىشلىق ياكى چېتىشلىق بولمىغانلىقى ئېنىق بولمىغان تەقدىردىمۇ، يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى ياكى جىنايەتنى توختىتىش تەشكىلاتىغا دوكلات قىلسا بولىدۇ. يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى ۋەزىيەتنى باھالاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەدبىرقوللىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىنى بەلگىلەيدۇ.

بۇ پائالىيەتلەرتۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ:

  • قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش
  • شانتاج قىلىش (قورقۇتۇپ پۇل ياكى مەنپەئەت تەلەپ قىلىش)
  • ئىز قوغلاش
  • پاراكەندىچىلىك سېلىش
  • ھۇجۇم ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زوراۋانلىق
  • تورجىنايىتى، مەسىلەن خاكېرلىق قىلىش ۋە رۇخسەتسىزكىرىش
  • زىيانلىق تور ئالاقىلىرى (مەسىلەن، ئېلخەت، ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەزمۇنى ياكى تورمەھەللە مۇنبەرلىرىدىكى يازمىلار) زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.
    يېڭى زېلاندىيە ساقچى تور بېكىتىدىن زىيانلىق تور ئالاقىلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىڭ

يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرىغا جىنايەتلەرنى مەلۇم قىلىش

ئەگەرجىددىي ئەھۋال يۈزبەرسە ۋە ھازىر يۈزبېرىۋاتقان بولسا، 111 گە تېلېفون قىلىپ يېڭى زېلاندىيە ساقچىسىنى تاللاڭ.

ئەگەرجىددىي ئەھۋال بولمىسا، تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارئارقىلىق يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزبولىدۇ:

  • 105 توردىكى جەدۋەلنى ئىشل
  • ھەرقانداق كۆچمە تېلېفون ياكى مۇقىم تېلېفوندىن 105 غا تېلېفون قىلىڭ، بۇ مۇلازىمەت ھەقسىزبولۇپ، مەملىكەت بويىچە 24/7 مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

جەدۋىلى سىزنىڭ بىر قىسىم شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەلەپ قىلىپ، يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرىنىڭ دوكلاتىڭىزنى بىرتەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىشى ۋە 105‏ سىز بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ. يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى بۇ ئۇچۇرلارنى پەقەت رۇخسەت قىلىنغان مەقسەتلەرئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ.

جىنايەتنى توختىتىش تەشكىلاتىغا نامسىزدوكلات قىلىش

سىز يېڭى زېلاندىيە جىنايەتنى توختىتىش تەشكىلاتىغا نامسىزھالدا يوللىيالايسىز.

جىنايەتنى توختىتىش تەشكىلاتى مۇستەقىل خەير-ساخاۋەت ئورگىنى بولۇپ، كۆچمەنلەر، تاموژنا ۋە يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى قاتارلىق ئورگانلارغا جىنايەت ياكى باشقا جىددىي مەسىلىلەرنى دوكلات قىلىشنىڭ بىخەتەر ۋە ئاددىي ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ

بۇ يېڭى زېلاندىيەدىكى مۇمكىن بولغان چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

سىز تور جەدۋىلى ئارقىلىق نامسىزدوكلات يوللىيالايسىز ياكى جىنايەتنى توختىتىش تەشكىلاتىنىڭ 0800 555 111‏ نومۇرىغا (چەت ئەلدە بولسىڭىز +64 9 927 3971‏) تېلېفون قىلىپ خىزمەتچى بىلەن سۆزلىشەلەيسىز.

سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز دائىرىلەر بىلەن ئورتاقلىشىلمايدۇ.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، نامسىزدوكلات يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرىغا مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرەلەيدۇ، ئەمما يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرىنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يېتەرلىك ئۇچۇربەرمەسلىكى مۇمكىن، ھەمدە رەسمىي شىكايەت دەپ قارالمايدۇ.

چەت ئەل پارىخورلۇقىنى دوكلات قىلىش

چەت ئەل پارىخورلۇقى دېگەندە، بىر كىشى ياكى كارخانىنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەر قانداق كىشىگە پارا بېرىشى، ۋەدە قىلىشى ياكى تەقدىم قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

چەت ئەل پارىخورلۇقى يەنە يېڭى زېلاندىيەدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا چەت ئەللىك كىشىلەرتەرىپىدىن پارا بېرىلگەن، ۋەدە قىلىنغان ياكى تەقدىم قىلىنغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چەت ئەل پارىخورلۇقى چەت ئەل دۆلەتلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى تەرىپىدىن چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

ئەگەر چەتئەل پارىخورلۇقىدىن گۇمان قىلسىڭىز، جىددى ئالدامچىلىق ئىشخانىسىنىڭ نامسىز پاش قىلىش قورالى ئارقىلىق  مەخپىي دوكلات قىلسىڭىز بولىدۇ: چەتئەل پارىخورلۇقىنى پاش قىلىش - يېڭى زېلاندىيە جىددى ئالدامچىلىق ئىشخانىسى

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ