تۆۋەندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يېڭى زېلاندىيەدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە كىشلىك ھوقۇقىڭىزنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە سىزنى قانداق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا سىز يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى ۋە NZSIS  غا چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ. پاش قىلىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز: چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى قانداق مەلۇم قىلىش تورىغا قاراڭ.

يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى

يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە، يوللاردا ۋە مەھەللىلىرىدە بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ساقچىلار 24 سائەت كېچە-كۈندۈز ھەرىكەت قىلىپ، جىنايەت ۋە زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەخمىنەن 15 مىڭ خىزمەتچى بار بولۇپ، بىز شەھەر ۋە يېزا پونكىتلىرى ۋە تېخىمۇ چوڭ ساقچى مەركەزلىرىدە خىزمەت قىلىمىز.

بىز قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادا مەشغۇلات قىلىمىز، ھەر يىلى 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋەقەگە جاۋاب بېرىمىز، 925 مىڭدىن ئارتۇق 111 تېلېفونىنى ۋە 743 مىڭدىن ئارتۇق جىددىي بولمىغان تېلېفونىنى قوبۇل قىلىمىز.

يېڭى زېلاندىيەدىكى ھەر بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش ۋە قوغداش ئۈچۈن ساقچى خادىملىرى تەربىيلىندۇ. ساقچى مۇلازىمىتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىنىدۇ ھەمدە مۇستەقىللىق ۋە ئادىللىق بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

ساقچىلارنىڭ ئاساسلىق رولى جىنايەت ۋە قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش، پاش قىلىش ۋە ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساقچىلارنىڭ ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

  • تىنچلىقنى قوغداش
  • جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش
  • قانۇن ئىجرا قىلىش
  • جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە خاتىرجەم بولۇشى
  • دۆلەت بىخەتەرلىكى
  • يېڭى زېلاندىيە سىرتىدىكى ساقچى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش
  • جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش.

يەرلىك ئالاقىلاشقۇچى ساقچىلار

ساقچىلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەرلىك ئالاقىلاشقۇچى ساقچىلېرىبولۇش ئارقىلىق كۆپ خىللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئېرىقى مىللەتلەرنى قوللايدۇ. ئۇلار مەھەللىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ساقچى مۇلازىمىتىنى چۈشىنىشىگە ۋە ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ساقچىلارغا مەھەللدىكى ئەندىشىلەرتوغىرسىدا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېرىقى مىللەتلەرگە چېتىشلىق جىنايەتلەرنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.

بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى ئاڭلاشنى خالايدۇ ھەمدە سىز بىلەن بىرلىكتە بىخەتەرلىكنى ياخشىلايدۇ.

ئەگەر سىز يۈز تۇرانە ياكى توردا تەھدىت سېلىنىپ، ئۆزىڭىز ياكى باشقىلاردىن ئەنسىرەپ قالسىڭىز، ساقچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بۇ ئىرق، ئېتىقاد، جىنسىي، جىنسىي كىملىك، مېيىپ ياكى ياش سەۋەبىدىن دۈشمەنلىشىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بارلىق يېڭى زېلاندىيەلىكلەر ئەتراپتىكى مۇھىتتىن خەۋەردار بولۇشى ھەمدە گۇمانلىق ياكى بىنورمال قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

111 جىددىي ئەھۋالدا:

111 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش:

  • ئادەم يارلىنىش ياكى خەتەرگە دۇچ كىلىش ;ياكى
  • ھاياتى ياكى مال-مۈلكىگە ئېغىر، دەرھال ياكى كۆزئالىدا خەۋپ يىتىدىغان ئەھۋالدا؛ ياكى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتقان ياكى ئەمدىلا سادىر بولغان جىنايەتچىلەر نەق مەيداندا ياكى ئەمدىلا كەتكەن ئەھۋالدا.

105 ساقچىغا جىددىي بولمىغان ئەھۋالدا مەلۇم قىلىش:

ئەگەر مەسىلە ھالقىلىق بولمىسا، كىشىلەر تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق گۇمانلىق ياكى بىنورمال قىلمىشلارنى شۇ جايدىكى ساقچىلارغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ:

ساقچىلار بىلەن پاراڭلىشىشقا توغرا كەلسە، ھەرقانداق يانفون ياكى مۇقىم تېلېفوندىن 105 غا تېلېفون قىلىڭ. بۇ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 24/7 ھەقسىز مۇلازىمەت. ئەگەر 105 غا تېلېفون قىلالمىسىڭىز، توردا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
https://www.police.govt.nz/use-105

يېڭى يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى (NZSIS) يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئاخبارات ئورگىنى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يېڭى زېلاندىيە ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش.

NZSIS بىر جامائەت پاراۋانلىق تارمىقى بۇلۇپ ئۇ يېڭى زېلاندىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەركەتلەرنى تەكشۈرىدۇ. بۇ يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەركىن، ئوچۇق ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت سۈپىتىدە قوغداشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا يېڭى زېلاندىيەنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىنى قوغداشقا پايدىلىق.

ئۇ يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىك ئورگىنى ۋە ئىنسانلار ئاخباراتىنىڭ باشلامچىسى. نۇرغۇن ئۇخشىمايدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق
ئۇچۇر توپلايدۇ. NZSIS ئىشلەپچىقارغان ئاخبارات ھۆكۈمەت ۋە باشقا سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ
ياخشى قارار چىقىرىشنى قوللايدۇ.

NZSIS نىڭ يەنە بىر ئىقتىدارى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە باشقىلارنىڭ خەلق، ئۇچۇر ۋە مال-مۈلكىنى دۆلەت تەھدىتىدىن قوغدىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بۇ NZSIS نىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۆۋەندىكىچە:

  • چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشى، جۈملىدىن چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېرىقى مىللەتلەرنى نىشان قىلىش.
  • جاسۇسلۇق
  • زوراۋان رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق

يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت خەۋەرلىشىش بىخەتەرلىك ئىدارىسى (GCSB) قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ.  ئۇ يەنە مەھەللىلەر، iwi ماۋرىلار، يەرلىك ھۆكۈمەت، مائارىپ تارماقلىرى، سودا كارخانىچىلار ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.

ئۇ 2017-يىلى ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك قانۇنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈلۈپ، يېڭى زېلاندىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىشىغا، سىياسىي جەھەتتىن نېيترال بولۇشىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئىستىخبارات مۇھىم نۇقتىسى بويىچە خىزمەت قىلىشى كېرەك.

بۇ NZSIS ئىدارىسى ھېچكىمنى قولغا ئالالمايدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، دۆلەت تەۋەلىكى ياكى قانۇنلۇق نامايىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى تەكشۈرمەيدۇ.

بارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرىغا ئوخشاش، NZSIS تەپتىش مەھكىمىسى، شەخسىي مەخپىيەتلىك، باش تەپتىش ئىشخانىسى ۋە جامائەت مۇلازىمەت كومىتېتىغا مەسئۇل بولىدۇ.

بۇ NZSIS يەنە ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى تەرىپىدىن مۇستەھكەم، مۇستەقىل نازارەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ رولى ئەرزنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ NZSIS يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى ۋە مىنىستىرلېرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر Home | New Zealand Security Intelligence Service

خەۋەردار بولۇش Engagement | New Zealand Security Intelligence Service

ئەندىشىنى دوكلات قىلىش Reporting a national security concern

ھۆكۈمەت خەۋەرلىشىش بىخەتەرلىكى ئىدارىسى (GCSB) يېڭى زېلاندىيەنىڭ سىگنال ئاخبارات ساھەسىدىكى باشلامچى ئورگان. بۇ ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىشتىن ئېرىشكەن ئاخباراتتىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ ئاخبارات ھۆكۈمەت ئورگانلېرىغا ئۇلارنىڭ مەشغۇلاتلېرىنى قوللاش ۋە قارار چىقىرىشى ئۈچۈن تەمىنلىندۇ. بۇGCSB يەنە چەتئەلدىكى ھەمكارلاشقۇچىلار، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. GCSB بىلەن چەتئەل ئاخباراتىنىڭ بىرلىشىشى يېڭى زېلاندىيەنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىگە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتىنى باشقۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

بۇGCSB يەنە GCSB ئىچىدىكى بىر كەسپىي ئورۇن دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى مەركىزى (NCSC) ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكىنىڭ باشلامچى مەشغۇلات ئورگىنى. NCSC بارلىق يېڭى زېلاندىيەدىكىلەرگە - شەخسلەردىن تارتىپ كىچىك ,ئوتتۇرا  كارخانىلار ۋە تەشكىلاتلارغىچە، چوڭ كارخانىلار، ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم تەشكىلاتلارغىچە، تور بىخەتەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ تورىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش بولسا NCSC نىڭ تور بېىتى شەخسلەر ۋە كىچىك ۋە ئوتتۇراھال كارخانىلارغا تور بىخەتەرلىكى مەسلىھەت ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ.
تور بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى مەلۇم قىلماقچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تورىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ياكى دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلىڭ.

بۇGCSB يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى  (NZSIS) بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدۇ. بۇ NZSIS يىڭى زېلاندىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق تەھدىتلەرنى تەكشۈرىدۇ، بۇلار يېڭى زېلاندىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنى قوغداش، چەتئەلنىڭ ئارىلىشىش تەھدىتى ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەركىن ياشاش ۋە سۆزلەش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

GCSB نىڭ يېڭى زېلاندىيە قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيىتى بويىچە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان نۇرغۇن كاپالەتلېرى بار.

بۇ GCSB بولسا 2017-يىللىق ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك قانۇنى بويىچە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ،
ئۇ يېڭى زېلاندىيەنى ئەركىن، ئوچۇق ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت سۈپىتىدە قوغدايدىغان قانۇن.

بۇ GCSB ئاممىۋى مۇلازىمەت تارمىقى بولۇپ، بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئوخشاش تەپتىش مەھكىمىسى، مەخپىيەتلىك، باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. GCSB يەنە ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەقىل نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. باش تەپتىشنىڭ رولى ئەرزنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ GCSB يېڭى زېلاندىيە پارلامېنتى ۋە مىنىستىرلېرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

تەخمىنەن 600 نەپەر خىزمەتچى GCSB ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار يېڭى زېلاندىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەر خىل روللارنى ئوينايدۇ. GCSB نىڭ ئاممىۋى تور بېىتى www.gcsb.govt.nz دە خىزمىتى ھەققىدە  تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرۈشلەر بار.

Te Kāhui Tika Tangata كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بولسا يېڭى زېلاندىيەنىڭ دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى (NHRI). «خى فاكامانا تاڭگاتا. ھەممە ئادەم ئىززەت-ھۆرمەتكە تولغان ھايات» بىزنىڭ شۇئارىمىز بولۇپ، بىز بارلىق يېڭى زېلاندىيەلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تې تىرىتى ئو ۋايتاڭىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى نامايەن قىلىمىز.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تۆت ۋالىيسى، بىر يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ھەمكارلاشقۇچىسى ۋە تەخمىنەن 60 نەپەر خىزمەتچىسى ئوكلەند، ۋېللىڭتون ۋە كىرايىسچىرچ قاتارلىق جايلاردا  بار.

بىز نۇرغۇن جەھەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرىمىز ۋە قوغدايمىز. بۇلارنىڭ بىرى بىزنىڭ ھەقسىز ۋە مەخپىي مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق جامائەتنىڭ 1993-يىللىقكىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ئاساسەن قانۇنسىز كەمسىتىشكە ئائىت ئەرزلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشتۇر.

بىزنىڭ دېلو مەسلىھەتچىلىرىمىز ۋە مۇرەسسەچىلىرىمىز كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بالدۇر ھەل قىلىشنى قوللايدۇ ۋە تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز ھەقسىز ھەم ئىشەنچىلىك. بىز ئەرز-شىكايەتلەرنى تەكشۈرمەيمىز ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بەلگىلمەيمىز.

ئەگەر سىز  ئىرق، دىن، جىنسى، جىنسىي ئىپادىسى، جىنسىي خاھىش، مېيىپ ياكى باشقا شەخسىي ئالاھىدىلىكلەر تۈپەيلىدىن كەمسىتىشكە ئۇچرىغان دەپ قارىسىڭىز ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز جىنسىي پاراكەندىچىلىك، خالىمىغان جىنسىي قىلمىشقا ئۇچرىغان ياكى باشقىلار سىزنىڭ جىنسىي ئىپادىڭىزنى ۋە جىنسىي خاھىشىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان بولسا، ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.

كەمسىتىش شەخسلەردىن مەسىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، دۇكاندار، ئوقۇتقۇچى ياكى تەشكىلات ياكى مۇلازىمەتلەردىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن مەسىلەن بۇلار رېستوران ياكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەرز-شىكايەت قىلىش ھەقسىز ھەم ئىشەنچىلىك .ئەرز قىلىش توغرىسىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بىزنىڭ تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىڭ tikatangata.org.nz.

ماتېرىياللار نى تې رىئو ماۋرى، ساموئەن، توڭگان، ئەنئەنىۋى خەنزۇچە، ئاددىي خەنزۇچە ۋە ھىندى تىللىرىدا شۇنداقلا ئاسان ئوقۇش، ئەمالاريېزىقى ھۆججىتى، چوڭ باسما ۋە ئاۋاز قاتارلىق قولايلىق فورماتلاردا تاپقىلى بولىدۇ.

خى فاكامانا تاڭگاتا.
ھەممە ئادەم ئىززەت-ھۆرمەتكە تولغان ھايات.

تەپتىش مەھكىمىسى ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى، يېڭى زېلاندىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى، بالىڭىزنىڭ مەكتىپى ۋە يەرلىك كېڭىشىش ھەيئىتى.

تەپتىش مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈش ياكى شىكايەت قىلىش مۇلازىمىتى ھەقسىز ۋە ھەممەيلەنگە تەمىنلىندۇ.

ئەگەر سىز بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ سىز رازى بولمىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغان ياكى قارارلارنى چىقارغان دەپ ئويلىسىڭىز، ئادالەتسىزلىك، مۇۋاپىق بولمىغان ياكى خاتا دەپ قارىغان  بولسىڭىز، تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. سىزنىڭ ئەرزىڭىزنى ئەستايىدىل بىلەن ئويلىنىدۇ. تەپتىش مەھكىمىسى سىزدىن ئالدى بىلەن ئورگانغا ئەرز قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشى مومكىن ھەمدە بۇنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. تەپتىش مەھكىمىسى سىزنىڭ ئەندىشىلېرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى سىزگە ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. تەپتىش مەھكىمىسى يەنە سىزنىڭ ئەرزلىرىڭىزنى ھەل قىلىشقا ياكى تەكشۈرۈشكە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.

ھۆكۈمەت ئورگىنى سىزگە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلسا، تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.

تەپتىش مەھكىمىسى يەنە خىزمەت ئورنىدا ئېغىر قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئاشكارىلاشنى خالايدىغان ياكى ئاشكارىلىغاندا قانداق قوغدىلىش توغىرسىدا كىشىلەرگە مەسلىھەت ياردىمى بېرىدۇ. تەپتىش مەھكىمىسى يەنە ئاشكارىلاشنى تەكشۈرىدۇ ياكى «مۇۋاپىق ئورگان» نىڭ قاراپ چىقىشقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

سىز تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ھېچقانداق ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىمايسىز. مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش زۆرۈر بولمىسا، تەپتىش مەھكىمىسى سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتمايدۇ.

تەپتىش مەھكىمىسى مۇستەقىل بولۇپ، قانۇنى مەسلىھەت بەرمەيدۇ، ئادۋوكات ياكى ۋاكالەتچى بولالمايدۇ.

ئالاقىلىشىش

ئەگەر سوئالىڭىز بولسا ياكى ئەرز قىلماقچى بولسىڭىز تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

  • ھەقسىز تېلېفون: 0800 802 602
  • تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئەرزىيەت جەدۋىلى ئارقىلىق
    توردا زىيارەت قىلىڭ:
    https://www.ombudsman.parliament.nz
    ۋە «(جامائەت ئۈچۈن) ياردەمگە ئېرىشىشنى» چېكىڭ.
  • ئېلخەت ئادرېسى:
    info@ombudsman.parliament.nz
  • پوچتا:
    The Ombudsman, PO Box 10152,
    Wellington 6143

ھەر خىل تىل ۋە شەكىلدىكى پايدىلىق ماتېرىياللار ۋە  نەشىر ماقالىلىرىنى تەپتىش مەھكىمىسى تور بېتىدە تاپقىلى بولىدۇ.

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ