يېڭى زېلاندىيەدىكى مىللىي جەمئىيەتلەر چەتئەللەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. تۆۋەندىكى تاللاشلاردىن پايدىلىنىپ چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى دوكلات قىلالايسىز.

جىددى ئەھۋالدا

ئەگەر ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بولسا، 111 گە تېلېفون قىلىپ، ساقچىدىن ياردەم سوراڭ.

ئەگەرتېلېفوندا تۇرۇپ سۆزلىيەلمىسىڭىز، جىم تۇرۇڭ ھەمدە ‏« 55 »‏ نى بېسىڭ دېگەن سۆزنى ساقلاڭ.

ئەگەرئۆي تېلېفوندا بولسىڭىزھەمدە سۆزلىيەلمىسىڭىز، جىم تۇرۇڭ ۋە سىزگە ياردەم ئۈچۈن ھەر قانداق كۇنۇپكىنى بېسىڭ دېگىچە ئوپېرتورنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ.

چەتئەل ئارىلىشىشىنى قانداق مەلۇم قىلىش كېرەك

چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى دوكلات قىلىش

ھەممىمىز يېڭى زېلاندىيەنى NZSIS ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىدىن بىخەتەر ساقلىيالايمىز. مەيلى قايسى يولنى تاللىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ دەل جايىغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .

چەتئەلنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى NZSIS غا دوكلات قىلىڭ

تور بېكىتىدە بىخەتەربولغان تور NZSIS جەدۋىلى ئارقىلىق چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى دوكلات قىلالايسىز.

ئەگەر خالىمىسىڭىز ئىسمىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز ياكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. جەدۋەلنى ئۆز تىلىڭىزدا تولدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر دىكى بىرەيلەن بىلەن NZSIS سۆزلەشمەكچى بولسىڭىز، +64 4 472 6170 ياكى 0800 747 224 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.

سىزنىڭ دوكلاتىڭىزنى كۆرگەندە، NZSIS ئۇلارئۇنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەر ئالاقىلىشىش تەپسىلاتلىرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز باشقا ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندىلا NZSIS سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ . سىز بىلەن ئالاقىلاشمىسا، بۇ سىزنىڭ.‏ NZSIS ئەگەر دوكلاتىڭىزغا سەل قارىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى ساقچىغا دوكلات قىلىش

ئەگەر جىددىي ئەھۋال بولمىسا، ساقچى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ

  • 105 تور جەدۋىلىنى ئىشلىتىش
  • ھەر قانداق ئۆي ياكى قول تېلېفون لىنىيىسىدىن 105‏گە تېلېفون قىلسىڭىز، بۇ مۇلازىمەت ھەقسىز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتە 24/7 ئىشلەتكىلى بولىدۇ

105 جەدۋەل ساقچىلارنىڭ دوكلاتىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە سىزبىلەن ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن بەزى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ساقچىلار بۇ ئۇچۇرلارنى پەقەت رۇخسەت قىلىنغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ