جىددىي ئەھۋالدا:

ئەگەر ھازىر بىرسىنىڭ ھاياتى خەتەردە بولسا، 111 گە تېلېفون قىلىپ، يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىڭ.

ئەگەر سۆزلەش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا، ھەمدە تېلېفوندا بولسىڭىز، جىمجىتلىقنى ساقلاپ، «55 نى بېسىڭ» دېگەن ئەسكەرتمىنى ساقلاڭ.

ئەگەر سۆزلەش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا ھەمدە مۇقىم يانفوندا بولسىڭىز، جىمجىتلىقنى ساقلاڭ ۋە سىزگە ياردەم ئۈچۈن ھەرقانداق كۇنۇپكىنى بېسىڭ دېگەن مەشغۇلاتچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ.

ئارىلىشىشىغا ئۇچرىغانلارغا قانداق ياردەم بېرىش كېرەك چەتئەل

قانداق ياردەم قىلالايسىز

ئەگەر سىز تونۇيدىغان بىرەيلەن چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچراۋاتقان بولسا:

  • ئاڭلاڭ ۋە داۋاملىق قوللاڭ. ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ياردەم قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
  • ئەگەر ئۇلار جىسمانى جەھەتتىن بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسا، ئۇلارنىڭ يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى (NZ ساقچىلىرى) بىلەن ئالاقىلىشىشىغا ياردەم قىلىڭ. ئۇلارنى ئىشەنچلىك دوستلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىردىن ياردەم سوراشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ.
  • ئەگەر ئۇلار روھىي ساغلاملىق ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇلارنى دوختۇر، ئائىلە دوختۇرى ياكى باشقا ساغلاملىق خادىملىرى بىلەن سۆزلىشىشكە. ئىلھاملاندۇرۇڭ. ساغلاملىق نۇقتىسى ياكى روھىي ساغلاملىق فوندىسى ئارقىلىق قوشۇمچە مۇلازىمەتلەرنى تېپىشغا ياردەم قىلالايسىز.
    يېڭى زېلاندىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ساغلاملىق قوللاش تور بېتىدىن ساغلاملىقنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز.
  • ئۇلارنىڭ توربىخەتەرلىكىنى قوللاڭ. ئۇلارنى تۆۋەندىكى ھېساباتلارنى توسۇشقا ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ:
  • ئەگەر بىرەر ئىش نورمال كۆرۈنمىسە ياكى تۇيۇلمىسا، ئۇلارنى چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى يېڭى زېلاندىيە ساقچى ئىدارىسى ياكى يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسى (NZSIS) گە مەلۇم قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ. ئۇلار قايسى يولنى تاللىسۇن، ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ توغرا يەرگە يېتىپ بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى پەقەتلا يېڭى زېلاندىيە ساقچىلىرى ياكى يېڭى زېلاندىيە بىخەتەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىگە دوكلات قىلغىنغاندىلا رەسمى دوكلات ھېسابلىنىدۇ. يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە باشقا ئورگانلىرىغا بۇ ئىشنى ئۇقتۇرۇش رەسمىي دوكلات ھېسابلانمايدۇ.
    بۇيەردىن قانداق دوكلات قىلىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىڭ.
  • ·قانۇنىي ياردەمنىڭ ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلىشىپ بېقىڭ. نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىغا ئاساسەن، ئۇلار ئادۋوكات بىلەن سۆزلىشىشنى خالىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تەھدىت، بوزەك قىلىش ياكى ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەندىشىلەر بولسا.
    قانۇنىي ياردەمگە ئېرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
  • ·بىخەتەرلىكنى ساقلاشھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىڭ. ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى قوغداشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللىرى ئۈچۈن، چەتئەل ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ قوغداش بۆلۈمىگە كىرىڭ.
    بۇ يەردىن «مەركەز» دىكى قوغداش بۆلۈمىگە كىرىڭ.

ئېسىڭىزدە بولسۇن: ئەھۋالنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنۇش سىز ۋە چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۇچرىغان كىشى ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس.

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ