دوكىس (ياكى دوكىس قىلىش) دېگەن نېمە؟

دوكىس قىلىش بولسا سىزدىن روخسەتسىز سىزنىڭ شەخسىي ياكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تورغا چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سىزنىڭ تولۇق ئىسمىڭىز، ئۆي ئادرېسىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، سىز ئىشلەيدىغان ئورۇن، ھەتتا ئائىلىڭىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ھەمىشە باشقىلارنى ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ سىزنى قورقۇتۇش تەھدىت سېلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش ياكى قورقۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئەگەر دوكىس چەتئەل دۆلىتى ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىلسا، بۇ بىرخىل چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشى ھىسابلىندۇ. شەخسىي ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئۇچۇق-ئاشكارا ئورتاقلاشسا باشقىلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى بىخەتەرلىكى ۋە تىنىچ-ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئەگەر دوكىس بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك

ئەگەر ئۆزىڭىز خالىسىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ۋە دوستلىرىڭىزغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېيتىڭ، ئۇلارمۇ نىشانغا ئېلىنىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئارخىپىنى شەخسىي ئورۇنغا قويۇشىنى ئېيتىڭ.

ۋەقە يۈز بەرگەندە تور بەت، ئەپ ياكى مۇنبەردە دوكلات قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ.

Netsafe نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە قوللانمىلىرىدا بۇنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇرلار بار.

زىيانلىق مەزمۇنلارنى Netsafe غا مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ: ئىلتىماس يوللاش – Netsafe.
Netsafe يەنە سىزگە تور بىخەتەرلىكى بىخەتەرلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلىك قوللاش، مەسلىھەت ۋە ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ياردەمگەئېرىشىش ئۈچۈن help@netsafe.org.nz ئېلخەت  يوللاڭ ياكى «Netsafe» غا ئۇچۇر يوللاپ ئەۋەتىڭ.

ئەگەر خەتەرگە يولۇقسىڭىز دەرھال 111 غا تېلېفون قىلىڭ.

ئەگەر جىددىي ئەھۋال بولمىسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقچى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:

  • 105 تور جەدۋىلىنى ئىشلىتىش
  • ھەر قانداق يانفون ياكى مۇقىم تېلېفوندىن 105 كە تېلېفون قىلساق، بۇ مۇلازىمەت ھەقسىز بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 24/7 مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ.

105 جەدۋەلساقچىلارنىڭ دوكلاتىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋە سىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن بەزى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ساقچىلارپەقەت بۇ ئۇچۇرلارنى ئىجازەت بېرىلگەن ئەھۋاللاردا ئىشلىتىدۇ.

ئەگەر سىز چەتئەل دۆلىتىنىڭ بۇ توردا ھاقارەتلەش ۋە پاراكەندىچىلىك قىلىشنىڭ ئارقىسىدا بارلىقىدىن گۇمان قىلسىڭىز، ئۇلارنى بىخەتەر تور جەدۋىلىنى ئىشلىتىپ NZSIS غا دوكلات قىلسىڭىز بولىدۇ. قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز خالىمىسىڭىز ئىسمىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز ياكى ئالاقىلىشىش  ئۇچۇرلىرىقاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز يەنە  جەدۋەلنى ئۆز تىلىڭىزدا تولدۇرسىڭىزمۇبولىدۇ. سىز تەمىنلىگەن بارلىق ئۇچۇرلار مەخپىي ۋە قوغدالغان ھالەتتە ساقلىندۇ.

ئەگەر سىز NZSIS دىكى بىرەيلەن بىلەن پاراڭلاشماقچى بولسىڭىز، ئۇلارغا
+64 4 472 6170 ياكى 0800 747 224 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.

دوكلات قىلغاندا Netsafe، ساقچى ياكى NZSIS بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئۇچۇرلار

دوكلات قىلغاندا، ئىمكانقەدەر كۆپ تەپسىلاتلارنى تەمىنلەش پايدىلىق بۇلىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى ئېكراندا رەسىم تارتىىڭ ياكى بىر نۇسخىسىنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ:

  • قانداق شەخسىي ياكى خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئورتاقلىشىندى ياكى يوللاندى
  • ئورتاقلاشقان كىشىنىڭ ئىشلەتكۈچى ئارخىپى ياكى ھېساباتى،  مەسىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلەتكۈچى ئىسمى
  • ئۇچۇر ئورتاقلاشقان ياكى يوللانغان كۈن ۋە ۋاقىت
  • يۈز بەرگەن تور بېتى ياكى ئەپنىڭ ئىسم

قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزنى دوكىستىن قوغدىشىڭىز كېرەك

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن توردا بىخەتەر بۇلۇش تورىغا قاراڭ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور ھېساباتىڭىزدىكى مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرىڭىزنى تەكشۈرۈڭ. ئارخىپىڭىزنى شەخسىي قىلىپ تەڭشەڭ.

ئىسمىڭىز ۋە شەخسىي ئۇچىرلىرىڭىزنى ئىزدەپ توردا سىز توغۇرلۇق قايسى ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ.
باشقىلارسىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەخسىي ۋە خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرۈڭ مەسىلەن: سىزنىڭ ئادرىسىڭىز.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە كامېرالارنىڭ ئورۇن تەڭشەكلېرىنى ئىشلىتىپ رەسىمگە ئورۇن قىستۇرۇشنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. بۇلارئۆيىڭىز ياكى بالىلىرىڭىزنىڭ مەكتىپىگە ئوخشاش شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تېپىشقا ئىشلىتىلدۇ. ئۈسكۈنىڭىزدىكى جۇغراپىيىلىك ئورۇن بەلگىلەش ياكى ئورۇن تەڭشەكلىرىنىڭ تاقىلىشى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا كونكرېت كۆرسەتمىلەر ئۈچۈن ئۈسكۈنىڭىزنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ توردىن ئىزدەڭ.

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ