تور بىخەتەرلىكى نېمە ئۈچۈن مەھەللە گۇرۇپپىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن مۇھىم؟

بۇ بەتتە مەھەللە توپى ياكى تەشكىلاتىڭىزنى تور بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بەزى تەدبىرلەر بار. شەخسيلەر ئۈچۈنمۇ بىرئايرىم قوللانما بار.

بۇ تەكلىپلەر ئەڭ ئورتاق ۋە ئېغىر تەھدىدلەرنى ئاساس قىلغان.

يېڭىلاش

بىخەتەرلىكتىكى ھەر قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قلىش ئۈچۈن ئۈسكۈنىڭىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ.

  • مەھەللە گۇرۇپپىڭىز ياكى تەشكىلاتنىڭ يۇمشاق دېتاللېرنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ. تېلېفون، كومپيۇتېر، ۋايفاي يېتەكلىگۈچ ۋە تورغا ئۇلىنىدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرنى – يەنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • مۇمكىن بولسا ئاپتوماتىك يېڭىلاشنى ئىشلىتىڭ.

ئىككى ئامىللىق دەلىللەش

مەخپىي نۇمۇر ۋە يەنە بىر باسقۇچ تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ھېساباتىڭىزغا (2FA) قوشۇمچە بىخەتەرلىك قوشىدۇ، مەسىلەن تېلېفونىڭىزدىكى ئەپنىڭ كودى دېگەندەك. ئەسكەرتىش: بۇ كۆپ ئامىللىق.

  • ئەسكەرتىش: بۇ كۆپ ئامىللىق دەلىللەش (MFA)، ئىككى باسقۇچلۇق دەلىللەش (2SV) ۋە باشقا نۇرغۇن ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ.
  • مەھەللە گۇرۇپپىڭىز ياكى يۇمشاق دېتاللېرنى تەشكىلاتلىرىڭىزنىڭ ھېساباتىدا يۇمشاق دېتالى 2FA‏ نى ئېچىڭ.
  • ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئالدامچىلىققا چىداملىق 2FA‏ شەكلىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ، يەنى سىز باشقلار تەرىپىدىن ئالدانمايسز. بۇ بەلكىم بىخەتەرلىك ئاچقۇچى ياكى بولمىسا بارماق ئىزى ۋە يۈز كىملىكى بولۇشى مۇمكىن.

تور ھېساباتىڭىزغا كىملەرنىڭ كىردىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ

سابىق ئەزالارنىڭ مەھەللە گۇرۇپپىڭىز ياكى تەشكىلاتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھېساباتقا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ.

  • ئەگەر ئوخشاش ھېساباتنى بىردىن كۆپ ئادەم ئشلتىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشىمىغان تىزىملىتىشى ھەمدە 2FA بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
  • بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېساباتلېرىنى تىزىملاپ ساقلاپ، ئېھتىياجلىق بولمىغانلارنى توختىتىڭ، مەسىلەن خىزمەتچىلەر ئايرىلغاندا.
  • ئەزالارغا بەرگەن ھەرقانداق ئۈسكۈنىنىڭ تىزىملىكىنى ساقلاڭ ھەمدە ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ ھەمدە ئەگەر ئۇ كىشى تەشكىلاتتىن ئايرىلسا زاۋۇت ئۇلارنى قايتىدىن بەتلەش كېرەك. سىزيەنە بىناغا كىرىشىش ئۈچۈن مەخپى سىپىرنىمۇ ئۆزگەرتىشىڭىزكېرەك.

تور ھېساباتىڭىزغا كىملەرنىڭ كىرىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ

مەھەللە گۇرۇپپىڭىز ياكى تەشكىلاتىڭىزدىكى كىشىلەر پەقەت ئۆزىگە لازىملىق نەرسىلەرنىلا ئشلىتىشى كېرەك.

  • ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ھېساباتى «ھۇجۇمچى» غا ئۇچىراپ قالسا، بۇ باسقۇچلار ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كەلتۈرەلەيدىغان زىيىنىنى چەكلەيدۇ.
  • زۆرۈر بولمىغان ئىجازەتلەرنى ئۆچۈرۈڭ ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈڭ.
  • ئەگەر سىزدە كۆپ ئادەم ئىشلىتىدىغان بىرلا «باشقۇرغۇچى» ھېساباتىڭىز بولسا، غەيرىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىڭ. بولۇپمۇ كۈندىلىك خىزمەتلەر ئۈچۈن بۇ خىل ھېساباتلارنى چەكلەشكە تىرىشىڭ.
  • بۇ قائىدىلەر باشقۇرغۇچىنىڭ روتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى زىيارەت قىلىشىغىمۇ ماس كېلىدۇ.

مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن تۈزگەن توختاملىرىڭىزنى تەكشۈرۈڭ

ئەگەر سىز IT مۇلازىمىتىنى قىلىدىغان كىشىنى ياللىدىڭىزمۇ.

  • مەھەللە گۇرۇپپىڭىز ياكى تەشكىلاتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىڭ.

بارلىق ھېساباتىڭىز ۋە سىستېمىڭىزنىڭ قانداق برگە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىڭ

بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتنى چۈشىنىش سىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قاچان سزگە ھۇجۇم قىلىشىنى بىلىسىڭىگە ياردەم بېرىدۇ.

  • سىستېمىلىرىڭىزنىڭ ئۇلىنىشىنى تەكشۈرۈڭ، مەسىلەن، ئېلېكترونلۇق خەت، بۇلۇت ساقلاش ۋە بوغالتىرلىق مۇنبەرى.
  • قوشۇمچە تور بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مەۋھۇم شەخسىي تور (VPN) نى ئىشلىتىشنى ئويلىشىڭ. نى ئىشلەتسىڭىز توردىكى پائالىيىتىڭىزنى ئىز VPN قوغلىماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمدىن يوشۇرىدۇ. ئەگەر مەھەللە ياكى تەشكىلاتىڭىزنىڭ ئەزالىرى بىرگە ھەمكارلاشسا بۇ تېخىمۇ ياخشى.

خەلقىڭىزنى «تور ئەقىللىق» قىلىڭ

مەھەللە توپىڭىز ياكى تەشكىلاتىڭىزدىكى كىشىلەر سىزنىڭ سىستېمىڭىزغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ نىشانغا ئېلىنىدۇ.

  • بارلىق خىزمەتچىلەرنى ئاساسىي تور بىخەتەرلىكى توغىرسىدا  تەربىيىلەڭ. ئۆزڭىزنىڭ تور بېتى ئۆزڭىزنىڭ تورىNCSC | نىڭ توردا ئۆزڭىزنىڭ تورى بىخەتەر بولۇشى ۋە ئالدامچىلىقنى قانداق بايقاشقا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن مەسلىھەت ۋە ئۇسۇللىرى بار.
  • ئۇلارنىڭ شەخسىي ھېساباتى شۇنداقلا تەشكىلاتىڭىز ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھېساباتلىرى ئۈچۈن بۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇلارغا ئەسكەرتىڭ.
  • بىزنىڭ شەخسلەر ئۈچۈنمۇقوللانما بار
    توردا بىخەتەر بۇلۇش | ئېتنىك مەھەللە مىنىستىرلىكى

ۋەقە پىلانى

بىرۋەقە پىلانىنىڭ جايىدا بولۇشى كىشىلەرنى ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئالاقزادە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش پىلانىدا ۋەقە يۈز بەرگەندە كىمنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدۇ. قېلىپلار بۇ يەردە
    ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش | NCSC
  • تېلېفون، كومپيۇتېر ياكى باشقا سىستېمىلار مەغلۇپ بولسا نېمە قىلىش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    بۇ پىلاننى يېڭىلاپ تۇرۇڭ.
  • مۇناسۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ساقلاڭ ھەمدە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئاساسلىق يولى بۇزۇلسا زاپاس ئادەمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ساقلاڭ (مەسىلەن ئېلېكترونلۇق خەت).
  • پىلانغا يېتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئشلىتىش ئۈچۈن سىستېمىڭىزنىڭ سىرتىدىكى بىر جايدىمۇ ساقلاڭ.

ئۇچۇرلارنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ - پات يېقىندا كېلىدۇ